باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەنى قوللايدىغان ‹‹مەملىكەتلىك ئىتتىپاق››نىڭ خەلقئارالىق يىغىنى پارىژدا ئېچىلدى

2013.01.29 16:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەنى قوللايدىغان ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ‹‹سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋە ئىنقىلابىي كۈچلەر مەملىكەتلىك ئىتتىپاقى›› (قىسقارتىپ مەملىكەتلىك ئىتتىپاق دېيىلىدۇ)نىڭ خەلقئارالىق يىغىنى 28 – يانۋار پارىژدا ئېچىلدى. فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس، ‹‹مەملىكەتلىك ئىتتىپاق››نىڭ ئۈچ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە 50 نەچچە دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىننىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فابىيۇس بىلەن ‹‹مەملىكەتلىك ئىتتىپاق››نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رىياد سەيىف تەبرىك سۆزى قىلىپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ‹‹مەملىكەتلىك ئىتتىپاق››نى مالىيە ۋە ماددىي جەھەتتىن قوللاپ، ئۆتكەن يىل 12 – دېكابىر ماراكەشنىڭ ماراكەش شەھىرىدە ئېچىلغان 4 – قېتىملىق ‹‹سۇرىيەنىڭ دوستلىرى›› يىغىنىدىكى ۋەدىسىنى نەقلەشتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە