باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرايلى

2013.01.29 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  شى جىنپىڭ يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «تور ئەھلى يېمەك-ئىچمەك ھالقىسىدىكى ئەدەپ كەتكەن ئىسراپچىلىقنى توسۇشقا چاقىردى» دېگەن ماقالىسىغا تەستىق سالغاندا بۇ يوليورۇقنى بەرگەن. تەستىقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن، ماقالىدە ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، يېمەك-ئىچمەك ھالقىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئىسراپچىلىق ھادىسىسى كىشىنى چۈچۈتىدۇ. كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يېمەك-ئىچمەكنى ئىسراپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىسراپچىلىق قىلمىشلىرىغا، بولۇپمۇ ھۆكۈمەت پۇلىغا ئىسراپخورلۇق قىلىش قىلمىشلىرىغا بەرگەن ئىنكاسى كۈچلۈك. ئېلىمىزدە يەنە نۇرغۇن ساندىكى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقتا ئىكەنلىكىنى ئويلىساق، تۈرلۈك ئىسراپچىلىق ھادىسىلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى كىشىنى قاتتىق ئازابقا سالىدۇ. ئىسراپچىلىقنى قەتئى توسۇش كېرەك! تەشۋىق قىلىش ۋە يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىقتىسادچىل-تېجەشلىك بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، ئىسراپچىلىق نۇمۇس دەيدىغان ئىدىيەۋى قاراشنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇشنى پۈتكۈل جەمئىيەت بويىچە ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، خەلق تەشكىلاتلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى، شۇنىڭدەك ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، جامائەت كۈتۈۋېلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈرلۈك ئىقتىسادچىللىق تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا بۇزۇپ چېچىش ھادىسىلىرىنى قەتئىي توسۇشى كېرەك. قاراتمىلىقى، مەشغۇلاتچانلىقى ۋە يېتەكچىللىكى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادچىل بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئىسراپچىلىقنى تۈزەش لازىم.(مۇخبىر سۈي شياۋفېي، جاۋ رېنۋېي، لى جىڭ، شۈ شياۋچىڭ؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە