باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۇنجى نۆۋەتلىك لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى سانتىياگودا ئېچىلدى

2013.01.29 16:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دېڭىز رايونىدىكى دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى 27- يانۋار چۈشتىن كىيىن چىلىنىڭ پايتەختى سانتىياگودا ئېچىلدى. چىلى پىرېزىدېنتى پىنىرا يىغىن باشلانغاندا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن يىغىنغا قاتنىشالمىغان ۋېنسۇئىللا پىرېزىدېنتى چاۋىسغا ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چاۋىس لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۇ يەنە چاۋىسنىڭ ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم جەڭدا غەلبە قىلىپ، كېسەلنى يېڭىپ خىزمەت ئورنىغا بالدۇرراق قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  پىنىرا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ نىشانلىرىنىڭ بېرى مەزكۇر رايوندا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، يولۇقۇۋاتقان خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشدىن ئىبارەت. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر باتۇرلۇققا ۋە نەزەرگە موھتاج ھەمدە ۋەدە بېرىشى كېرەك. لاتىن ئامېرىكىسى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ تەرەققىيات نىشانى مەزكۇر رايونىدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قاتارىغا قوشۇلۇش ئۈچۈن ئىلگىرلەشتىن ئىبارەت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە