- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مىسىردىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۆكتىچىلەر زۇڭتۇڭنىڭ سۆزلىشىش تەشەببۇسىغا قارشى چىقتى
2013.01.29 16:06 مەنبە: خەلق تورى
مىسىردىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۆكتىچىلەر ‹‹مەملىكەتلىك قۇتقۇزۇش فىرونتى›› 28 – يانۋار زۇڭتۇڭ مۇرسىنىڭ سۆزلىشىش تەشەببۇسىنى رەت قىلىپ، ماھىيەتلىك مەزمۇندىكى سۆزلىشىشكىلا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
‹‹مەملىكەتلىك قۇتقۇزۇش فىرونتى››نىڭ ئاساسلىق رەھبىرى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سابىق باش كاتىپى ئەمرۇل مۇسا: مۇرسى بىر قاتار شەرتلىرىمىزگە قوشۇلغان شەرت ئاستىدىلا سۆزلىشىشكە قاتنىشىمىز، دېدى.
مۇرسى 27 – يانۋار كەچتە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، توقۇنۇش يۈزبەرگەن سەئىد پورتى، سۇۋەيش ۋە ئىسمائىلىيە ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت يۈرگۈزۈش ۋە كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىشنى جاكارلىدى. ئۇ يەنە مەملىكەت ئىچىدىكى گۇرۇھلارنى قاھىرەدىكى سۆزلىشىشكە قاتنىشىپ، ھازىرقى ئىچكى ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە