باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىشنى مەنئىي قىلدى

ئالىي مېھمانخانىلار شەكىل ئۆزگەرتىپ خېرىدار توپلىماقچى بولغان

2013.01.28 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاۋازى «كەچلىك خەۋەرلەر دولقۇنى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەركەز 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا چوڭ يەپ-چوڭ ئىچىشنى رەسمىي مەنئىي قىلغان. يېقىندا، خېنەن ئۆلكىسىدە ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك مېھمانخانىلارغا ئالدىن تىزىملىتىلغان يىللىق زىياپەت، كوللېكتىپ زىياپەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن.

  لېكىن، «دەيدىغىنىڭنى دەۋەر، قىلىدىغىنىمنى قىلىۋېرىمەن» دېگەندەك، بىر قىسىم يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى خېرىدار قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئايرىم خانا ئاچقان ياكى «يوشۇرۇن تاختا» ئاسقان، ھەتتا يەنە بەزى كارخانىلار ئالىي دەرىجىلىك ھاراق-تاماكا سېتىۋالسا باشقا نامدا تالۇن چىقىرىپ بېرىشكە، مال ئورىمىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان .(مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە