باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2013.01.29 14:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 28-يانۋار يىغىن ئېچىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەگە قوبۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە ئەزالىرى پارتىيەنىڭ ھۈجەيرىسى ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇن قۇرۇلۇشى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي. ئۇزۇندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەگە قوبۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىدى، زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كۈچلەر پارتىيە تەشكىلاتىغا كىرىپ، پارتىيە ئۈچۈن يېڭى ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدى. پارتىيە ئەزالىرى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا ئاۋانگارتلىق نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، بولۇپمۇ زور ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش، تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۆرەش قىلىپ، ئۆزىنى تەقدىم قىلىپ خالىسانە ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى جانلىق گەۋدىلەندۈردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى بارغانسېرى زورايدى، پارتىيەنى باشقۇرۇش پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسى تېخىمۇ جاپالىق بولماقتا. دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى نۇرغۇن يېڭى تېما يېڭى خىرىسلارغا دۇچار قىلدى، پارتىيەگە قوبۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يېڭى ۋەزىپە يېڭى تەلەپلەرگە ماس كەلمىگەن بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى تۆۋەندىكىدەك: بەزى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەگە قوبۇل قىلىشنى قاتتىق تۇتمىدى، پارتىيەگە قوبۇل قىلىشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق ئەمەس، پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسى كۆپ ئەمەس، يۆتكىلىشچان پارتىيە ئەزالىرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى تېخى مۇكەممەل ئەمەس؛ ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ غايىسى ئېتىقادىدا تەۋرىنىش بولدى، باش مەقسەت ئېڭى ئاجىز، تەشكىلىي ئىنتىزامى كۈچلۈك ئەمەس ھەتتا ئىدىيەدە ئۆزگىرىش بولۇپ، چىرىكلىشىپ كەتتى ۋەھاكازالار . بۇ مەسىلىلەر پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ھاياتى كۈچىگە تەسىر قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسىدىكى ئوبرازى ۋە ئىناۋىتىگە داغ تەگكۈزدى، پارتىيەنىڭ ئىجادى كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاجىزلاشتۇردى، بۇ مەسىلىلەرنى جەزمەن كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەگە قوبۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيەسى ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى داۋاملىق مەھكەم ئىگىلەپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، پارتىيەگە قوبۇل قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئىلغارلار ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيىمىزگە تېخىمۇ كۆپ كىرگۈزۈپ، كۆلىمى، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئىلغار سۈپەتلىك، ئىنتىزامچان، رولى گەۋدىلىك پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەشكىلىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ يېڭى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى پۇختا تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆلچەمدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باشتىن ئاخىرى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغانلارنى يېتىشتۈرۈش تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى خىزمىتىدىكى دېموكراتىيەنى كېڭەيتىپ، خىزمەت تەرتىپى ۋە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىشچىلار ئارىسىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى كۈچەپ كۆپەيتىپ، دېھقانلار ئارىسىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى كۆپەيتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ياش ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلاردىن پارتىيە ئەزالىرىنى كۆپەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە