باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى مالىغا ياردەم بەرگۈچى خەلقئارا تەشكىلاتنى 50 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ

2013.01.29 16:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئەددىس – ئەبېبە، 28 – يانۋار تېلېگراممىسى. 20 – نۆۋەتلىك ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بۇركىنا فاسۇ زۇڭتۇڭى كومپاۋرې 28 – يانۋار ئەددىس – ئەبېبەدە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مالىغا ياردەم بەرگۈچى خەلقئارا تەشكىلاتنى 50 مىليون دوللار مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كومپاۋرې يېقىندا غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، مالى كىرىزىسىدە توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنى ياراشتۇرغانىدى. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: ھازىر ئافرىقىدىكى ئون نەچچە دۆلەت مالىغا ياردەم بەرگۈچى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇركىنا فاسۇ 650 ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆپ دۆلەت قىسىمىنىڭ ئەسكىرى 5000 6000غا يېتىشى مۇمكىن، دېدى.

  ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مالى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا 760 مىليون دوللار مەبلەغ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ 460 مىليون دوللىرى مالىغا ياردەم بەرگۈچى خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ھەرىكىتىگە ئىشلىتىلىدىكەن، 300 مىليون دوللىرى مالى ئارمىيەسىنى قايتىدىن قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن. 29 – يانۋار، مالىغا ئىئانە قىلغۇچىلار يىغىنى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ب د ت بۇ يىغىنغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە