- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سىڭگىم ئېغىزىدىكى تاش غار «جۇڭگودىكى نۇقتىلىق ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش» قا كىرگۈزۈلدى
2013.01.28 15:52 مەنبە: خەلق تورى
2012-يىللىق «جۇڭگودىكى نۇقتىلىق ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش» يېقىندا ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ تۇرپان سىڭگىم ئېغىزىدىكى تاش غارنى قېزىش تۈرگە كىرگۈزۈلدى. 2012-يىلى 26-دىكابىر، تاراتقۇلار شىنجاڭدىكى ئۈچ ئارخىئولوگىيەلىك قېزىش تۈرىنىڭ 2012-يىللىق «جۇڭگودىكى نۇقتىلىق ئارخىئولوگىيەلىك بايقاش»تۈرىگە يوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، بۇلار زەرەپشان مۈرەن خارابىلىكى، تۇرپان سىڭگىم ئېغىزىدىكى تاش غار، بورچىن پولات 3-نومۇرلۇق قەبرىلەر توپى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
27-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدىن ئىگىلىشىچە، ئاخىرىدا تۇرپان سىڭگىم ئېغىزىدىكى تاش غارنىڭ قېزىلىشى 2012-يىللىق «جۇڭگودىكى مۇھىم ئارخىئولوگىيەلىك بايقاش»قا تاللانغان.
سىڭگىم ئېغىزىدىكى تاش غار تۇرپان ئاستانە يېزىسى باداملىق كەنتىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، تاش ئۆڭكۈر رايونى ئاساسلىقى جەنۇبىي ئىبادەتخانا ھويلىسى، ئوتتۇرا قىسمىدىكى تۇرالغۇ جاي خارابىلىكى ۋە شىمالىي ئىبادەتخانا رايونى قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان، ئىبادەتخانا ۋە تۇرالغۇ ئۆي قىسىمى پەلەمپەيسىمان ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە