باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى(1)

2013.01.25 14:03        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 22-يانۋار جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: چىرىكلىك بولىدىكەن قارشى تۇرۇپ، پارىخورلۇق بولىدىكەن تازىلاپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، مەركەزنىڭ قەتئىي ئىرادىسى نامايان قىلدى.

  23-يانۋار بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يېغىنىنى ئاچتى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: باش سېكرېتارنىڭ سۆزىدە ھوقۇقنى چەكلەش، چىرىكلىكنى جازالاش ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستىلى بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى، بۇ كۆپچىلىككە ئىلھام بولدى، كۆپچىلىك بۇنى چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلدى. پايتەختنىڭ ئەڭ مۇھىم قىلىدىغان ئىشى- مەركەزنىڭ پەرمانلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، قەتئىي بانا-سەۋەب كەلتۈرمەستىن، تاللاپ ئولتۇرماستىن، ئۆزگەرتمەستىن پايتەختنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھەر بىر ھالقىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

  ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا كۆپچىلىك مۇنداق دېيىشتى: باشسېكرېتارنىڭ سۆزى ھازىرقى ئەل رايىغا باب كېلىدۇ، بۇ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى، پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئىشنى ئەنخۇينىڭ ئىككى يىغىنىنى ياخشى ئېچىشتىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاددىي، تىجەشلىك بولۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىستىلىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر بىر پائالىيەتنى ئاددىي ئۆتكۈزۈش كېرەك.

  چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم ئۆلكىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلاردىن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پۇختا ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىجرا قىلىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىش، ئاممىنىڭ يىنىدا يۈز بەرگەن ناتوغرا ئىستىللار ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە