باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى(2)

2013.01.25 14:03        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەينەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئېچىپ، باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىدىن باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، تۆۋەن ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى بولۇپمۇ سىياسىي ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشتا باشلامچى بولۇپ، مەركەزنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش توغرىسىدىكى 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە ، «ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا پاك بولۇش مىزانى»غا ئاڭلىق ئەمەل قىلىشتا ئۈلگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  گۇيجۇ ئۆلكىلىك چيەندۇڭنەن ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جاڭ ۋېنچياڭ تېلېۋىزوردىن باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىز ئىرادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، چىرىكلىك بولسا قارشى تۇرۇپ، پارىخورلۇقنى تازىلاپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ھادىسىلىرى يامرايدىغان تۇپراقنى تۈگىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  سىچۈەن ئۆلكىسى بېيچۈەن ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خو يۈگاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى خىزمەت ئىستىلىدا بۇرۇلۇش ياساشتا ۋەزىپە ئىنتايىن ئېغىر، دېدى. 8 تۈرلۈك بەلگىلىمە قول تىقىش ئېغىزى ۋە سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. بۇ سۆز ماڭا بىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى بولۇشتىكى بۇرچۇمنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاقلىقنى تەشەببۇس قىلىشتا ئالاھىدە ھوقۇق ئىدىيەسى، ئالاھىدە ھوقۇق ئەھۋالىغا قارشى تۇرۇش كېرەك. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدىكى پېنسىيىگە چىققان كادىر جۇ گۇيشەن مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى تارىخىي مەزگىلدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار ئالاھىدە ھوقۇق ئىدىيەسىگە ۋە ئالاھىدە ھوقۇق ئەھۋالىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاش لازىم، ھەرقانداق شەخسىي مەنپەئەت ۋە ئالاھىدە ھوقۇقنى قوغلاشماسلىقى كېرەك.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى گۇيۈەن شەھىرى شىجې ناھىيەسى جېنخۇ ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جۇ پېيجەن مۇنداق دېدى: ئامما ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىللار ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىتىكى بىر تەلەپلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى كۈچلۈك تەدبىر، چىرىكلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىلا، ئاندىن ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋىي ئىشەنچلىكلىكى ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنى كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدكە تولدۇرغىلى بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە