باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

2013.01.24 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  (2013-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 2013-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن 129 كىشى قاتناشتى، 295 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

  يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرلۈپ، دېڭ شياۋپېڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى يېتەكچى قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىنىپ، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ 2013-يىللىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئومۇمىي يىغىندا يولداش ۋاڭ چىشەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتايلى» دېگەن دوكلاتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-قېتىملىق يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىنغا پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار قاتناشتى. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا قاتناشتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە