باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ 2012–يىللىق پەن–تېخنىكا تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئون چوڭ خەۋەرنى باھالاشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2013.01.23 17:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19–يانۋار تېلېگراممىسى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى بىلەن جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلىرى ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى بېلەت تاشلاپ باھالاپ چىققان جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ 2012– يىللىق پەن–تېخنىكا تەرەققىياتى توغرىسىدىكى 10 چوڭ خەۋەر 19–يانۋار بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى.

  جۇڭگونىڭ 2012–يىللىق پەن–تېخنىكا تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئون چوڭ خەۋەر: ‹‹خاسىيەتلىك كېمە–9›› ئادەملىك ئالەم كېمىسى بىلەن ‹‹ئەرش ئوردىسى–1›› مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلدى؛ ‹‹سۇ ئەجدىھاسى›› 7000 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكتى؛ دۇنيادىكى قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان رايوندىكى تۇنجى تېز سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئۈچ چوڭ تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلە ھەل قىلىندى؛ ‹‹ئاي پەرىسى–2››نىڭ يەتتە مېتىرلىق پەرقلەندۈرگۈچنىڭ پۈتۈن ئايلىق تەسۋىر سۈرىتى ئېلان قىلىندى؛ مەملىكىتىمىزدە ياسالغان تۇنجىCPU بىر كىۋادرىللىئون قېتىملىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك كومپيوتېر سىستېمىسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى؛ يېڭى بىر ئەۋلاد زور ئىتتىرىش كۈچىگە ئىگە راكېتا موتورى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىنىپ ياساپ چىقىلدى؛ كېڭەيتىشكە بولىدىغان كىۋانت ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى؛ داياۋەن تەجرىبىسىدە نېيترىنونىڭ يېڭى تەۋرىنىش شەكلى بايقالدى؛ پېنتا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىقىلدى؛ ئاسىيادىكى تۇنجى ئېلېكتىر تېلېسكوپ پۈتتى.

  دۇنيانىڭ پەن–تېخنىكا تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئون چوڭ خەۋەر: ‹‹ھەۋەس›› ناملىق ئۈسكۈنە مارسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى؛ كانادا ئالىملىرى سۈنئىي چوڭ مېڭە ياساپ چىقتى؛ ئالىملار دۇنيادىكى ئەڭ ئىنچىكە نانومېتىرلىق ئۆتكۈزگۈچ سىمنى كەشىپ قىلدى؛ راك غول ھۈجەيرىسى تەتقىقاتىدا يېڭى دەلىل – ئىسپاتلار قولغا كەلتۈرۈلدى؛ ئالىملار ‹‹گۇمانلىق›› تەڭرى زەررىچىسىنى بايقىدى؛ ياپونىيە ئالىملىرى تۇنجى قېتىم ‹‹سۈنئىي›› تۇخۇمدىن چاشقان چىقاردى؛ ئەنگلىيە ئالىملىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك ماگنىتلىق ساقلىغۇچ پىرىنسىپىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى؛ ئاسترونوملار ماسسىسى قۇياشنىڭ 17 مىليارد ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدىغان قارا ئۆڭكۈرنى بايقىدى؛ گېرمانىيە تۇنجى قېتىم تېرە ھۈجەيرىسىدىن پۈتۈن گەۋدىلىك غول ھۈجەيرىنى يېتىلدۈردى؛ تۇنجى ‹‹ئاشما ئېلېكتىرونلۇق›› توك يولى بارلىققا كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە