- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېلەت تالىشىش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىش خۇددى قىزىل چىراقتا يولدىن كېسىپ ئۆتكەنگە ئوخشايدۇ
2013.01.23 17:04 مەنبە: خەلق تورى
تېخنىكىلىق تەدبىرلەر قوللىنىلدى، ئالاقىدار شىركەتلەرگە قىستۇرما دېتانى بىكار قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلدى.
ئورۇنسىز پويىز بېلىتىنى يېرىم باھادا سېتىشقا بولامدۇ-يوق؟ «بېلەت تالىشىش يۇمشاق ماتېرىيالى»غا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ 22-يانۋار، چاغانلىق تۆمۈر يول ترانسپورتىغا دائىر قىزىق نۇقتا مەسىللىرى توغرىسىدا مۇخبىر تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېڭ شيەندۇڭنى زىيارەت قىلدى.
«ئورۇنسىز بېلەتنى يېرىم باھادا سېتىش كېرەك»دېگەن سۆزگە قانداق قاراش كېرەك؟
چېڭ شيەندۇڭ مۇنداق دېدى، توشۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا مۇۋاپىق پويىزغا ھالدا نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم سېلىش چارىسىنى قوللىنىپ، بىر قىسىم ئورۇنسىز بېلەت سېتىشتا تېخىمۇ كۆپ يولۇچىلارنى ئۆيگە قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق.
ئىككىنچىدىن، ئورۇنسىز بىلەت سېتىپ نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم سېلىش تۆمۈر يول تىرانسپورتىنى تەشكىللەش، يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى قىلىش ۋە ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلارغا نۇرغۇن قىيىنچىلىق تۇغدۇرپ بېرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆمۈر يول تارماقلىرى كۆپ مىقداردىكى ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچى سەرپ قىلىپ قوللاشقا توغرا كېلىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ھەريىلى چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدە نۇرغۇن يۈك توشۇش پويىزلىرىنى توختىتىپ، يولۇچى توشۇش پويىزلىرىنى كۆپەيتىشكە، نۇرغۇن كارىۋاتلىق ۋاگونلارنى قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگون قىلىپ ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا، تىرانسپورت كىرىمى ئازىيىپ كەتسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ يولۇچىلارنى ئۆيگە قايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
«بېلەت تالىشىش يۇمشاق ماتېرىيالى» ئارقىلىق بىلەت سېتىۋېلىشقا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟
يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، بېلەت سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللە ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن، تۆمۈر يول تېخنىكا تارماقلىرى بېلەت سېتىۋېلىش يۇقىرى پەللە ۋاقتىدا توردا تىزىملىتىدىغان ۋە سۈرۈشتۈرىدىغانلارنىڭ سانى جەھەتتە نورمالسىز ئەھۋال يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىدى ، بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىك قىلساق، بۇ ئەھۋالنى ئاساسلىقى بىر قىسىم كۆز يۈگۈرتكۈچلەر ئورناتقان بېلەت تالىشش قىستۇرما يۇمشاق دېتال كەلتۈرۈپ چىقارغانىكەن. چېڭ شيەندۇڭنىڭ قارىشىچە، بۇنداق قىستۇرما دېتاللار قايتا-قايتا سۈرۈشتۈرۈش، زورمۇزور ئۆچرەتكە قىستۇرۇلۇپ كىرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، نورمال بېلەت سېتىۋېلىش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بېلەت سېتىشنىڭ ئادىللىقىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزدى، كۆپ ساندىكى بېلەت سېتىۋالغۇچى يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى. «بېلەت تالىشىش دېتالىنى ئىشلىتىپ بىلەت بۇلاش خۇددى يولدىكى ماشىنىلار قىزىل چىراقتا يولدىن كېسىپ ئۆتكىنىگە، يول يۆنىلىشىگە قارشى ماڭغانغا ئوخشايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا باشقىلاردىن تېز ماڭىدىغانلىقى مۇقەررەر، ئەمما نورمال قاتناش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ.» توردا بىلەت سېتىۋېلىش تەرتىپىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، بىز بىرقاتار تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنى قوللاندۇق؛ ئالاقىدار شىركەتلەرگە بېلەت تالىشىش دېتالىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردۇق. (جەدۋەل تۈزگۈچى جاڭ فاڭمەن؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە