باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق كەنت رۇسىيەگە جايلاشقان

2013.01.25 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئويىمياكون(Oymyakon) كەنتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 71.2 سىلسىيە گىرادۇس بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق بولغان « ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان جاي» ئىكەن.

  ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 22-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەدىكى كەنت ئويىمياكون شىمالىي قۇتۇب چەمبىرىكىدىن 350 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 71.2 سىلسىيە گىرادۇس، 1-ئايدا تېمپىراتۇرىسى دائىم نۆلدىن تۆۋەن 50 سىلسىيە گىرادۇستا تۇرىدىغان بولۇپ، ئىسمى-جىسىمىغا لايىق دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق بولغان «ئىنسانلار تۇرۇشلۇق جاي» ئىكەن.

  ئويىمياكون كەنتىنىڭ 500 نەپەر ئاھالىسى بار بولۇپ، ئۇلار بۇغا ۋە ئات گۆشىنى ئاساسلىق ئوزۇقلۇق قىلىدىكەن، كەنتتىكى بىر كىچىك دۇكاندىلا ئاساسلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى سېتىلىدىكەن. بۇ كەنتتە زامانىۋى ئەسلىھەلەر يوق بولۇپ، كۆپىنچە ئۆينىڭ ھاجەتخانىسى دالادا ئىكەن، كۆپىنچە ئاھالە يەنىلا كۈمۈر ۋە ئوتۇننى يېقىلغۇ قىلىدىكەن.

  ئويىمياكون كەنتىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 750 مېتىر بولۇپ، 12-ئايدا پەقەت 3 سائەتلا كۈندۈز بولىدىكەن، يازدا بولسا 21 سائەت كۈندۈز بولىدىكەن. گەرچە قىش ۋاقتى ئىنتايىن سوغۇق بولسىمۇ، ئەمما 6-7-8 ئايلاردا تېمپىراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن.

  ئويىمياكوننىڭ مەنىسى «مۇز تۇتماس سۇ» بولۇپ، بۇ كەنتنىڭ يېنىدا ئارشاڭ بولغاچقا مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە