باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن يۇقىرى سەۋىيەلىك يادرو سىنىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى(1)

2013.01.25 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو چاۋشيەندىن سوغۇققان بولۇشنى تەلەپ قىلدى، رۇسىيە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئامېرىكا ۋەكىلى كورېيەگە زىيارەتكە كەلدى
  چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى 24-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇزاكىرىسىنى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقىنى، ھەر خىل سۈنئىي ھەمراھ ۋە يىراق مۇساپىلىك راكېتالارنى داۋاملىق قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك يۇقىرى سەۋىيەلىك يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  مەزكۇر باياناتتا، چاۋشيەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەنگە قارىتا ماقۇللىغان بارلىق قارارلىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن: ئاۋۋال ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيانى يادروسىزلاشتۇرۇش ئۈزۈل-كېسىل ئالغا سىلجىتىلغاندا، ئاندىن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئاندىن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، چاۋشيەن پۈتۈن دۇنياغا «ئالتە تەرەپ سۆھبىتى» ۋە «19-سېنتەبىر ئورتاق تونۇشى»نىڭ قايتا مەۋجۇت بولمايدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇندىن كېيىن، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان سۆھبەت ۋە كېڭىشىش ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش سۆھبىتىگە ئالاقىدار ئىشلار مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ. باياناتتا، چاۋشيەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن «ئومۇميۈزلۈك تاقابىل تۇرۇش جېڭى»نى قانات يايدۇرۇپ، ھەر خىل سۈنئىي ھەمراھ ۋە يىراق مۇساپىلىك راكېتالارنى داۋاملىق قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى، يۇقىرى سەۋىيەلىك يادرو سىنقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ ئامېرىكىغا قارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە