باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

داستىخان ئۈستىدىكى ئىسراپچىلىقنى قانداق تۈگىتىش قىزىق تېمىغا ئايلاندى

2013.01.28 09:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرىتۈنۈگۈن ئېچىلغان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شاڭخەي شەھەرلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنىدا، داستىخان ئۈستىدىكى ئىسراپچىلىقنى قانداق تۈگىتىش نۇرغۇنلىغان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىغا ئايلاندى، كۆپچىلىك بۇ تېمىنى چۆرىدەپ بەس بەستە چارا تەدبىر كۆرسەتتى.

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جاڭ گوئېن مۇنداق دېدى: ئاشلىق خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئۇنى ئىسراپ قىلىش قىلمىشىلىرىنى ھەرگىز كەچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزدە ئاشلىقنى ئىسراپ قىلىش مەسىلىسى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر ئاشلىقنى ئىسراپ قىلىشقا قارىتا كۆڭلىدە ھېچقانداق ئۆكۈنۈش ۋە ئەنسىزلىك ھېس قىلمايۋاتىدۇ. بۇ ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدىمىگە ماس ئەمەس.

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى چەي جۈنيۇڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت پۇلىغا خىراجەت قىلىش داستىخاندىكى ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، مەركەز «8 تۈرلۈك بەلگىلىمە»نى چىقارغاندىن كېيىن، مېھمانسارايلارغا بېرىپ چوڭ يەپ چوڭ ئىچىش ئىمكانىيىتى قالمىغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئىدارىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىدارە-ئورگان ئاشخانىسىنى مىھمان سارايدەك ياساپ داۋاملىق خىراجەت قىلماقتا. شۇڭا دۆلەت چوقۇم تۈزۈمنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمى لايىھەسىدىن باشلاپ بۇنى قاتتىق توسۇپ، ئىدارە-ئورگانلارنىڭ 3 خىل خىراجىتىگە ئۆلچەم بېكىتىپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  شاڭخەي شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇنۇلارنى تەكلىپ قىلدى: يىلدا بىر كېلىدىغان «دۇنيا ئاشلىق كۈنى» ۋە «مەملىكەتلىك ئاشلىقنى قەدىرلەش، ئاشلىقنى تېجەش تەشۋىقاتى ھەپتىلىكى» پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە زور كۆلەملىك تەشۋىقىي تەربىيە ھەرىكىتى قوزغاپ، ئېنتېر تورى، رادىيو، تېلېۋىزىيە ، ئاخبارات تاراتقۇلىرى، كۆرگەزمە قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جەمئىيەتتە ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك ئاشلىق ئىسراپ قىلىش يامان ئىللەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئاشلىقنى خالىغانچە ئىسراپ قىلىشتەك يامان ئىللەتلەرنى ئەيىبلەش بىلەن پۇقرالار ئىجتىمائىي ئەخلاق تەربىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. خەلق ئاممىسىنىڭ ئاشلىقنى قەدىرلەش، ئاشلىقنى تېجەش، ئاچارچىلىق يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش تونۇشىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى ئىلمىي خىراجەت قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىقتىسادچىل، تېجەشلىك بولۇشتەك سوتسىيالىستىك ئەخلاق قارىشىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە