- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى
2013.01.25 16:03 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى مۇزىكىسى ئىچىدە سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى داغدۇغىلىق باشلاندى
|
ئۆز مۇخبىرىمىز رائىلە ئېزىز ، زاھىدە مۇتەللىپلار خەۋىرى : جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنى 25-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى .
بۈگۈن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيى گۈل–چېچەككە پۈركەنگەن بولۇپ ، رەڭگارەڭ چىراغلار كۆزنى قاماشتۇراتتى ، رەئىس سەھنىسىنىڭ كەينىگە جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ گېربى ئېسىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئون قىزىل بايراق قويۇلغانىدى .
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى .
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1–يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 526 بولۇپ ، بۈگۈنكى ئېچىلىش مۇراسىمىغا 510 ئەزا قاتناشتى ، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن .
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ، ئارمىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ رەھبەرلىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى ۋە يىغىننى تەبرىكلىدى .
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10–نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى .
 |
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي خىزمەت دوكلاتى بەرمەكتە
|
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە
${KEYWORD}