باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىرنىڭ شىمالىدىكى شەھەر سەئىد پورتىدا ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەردى(1)

2013.01.28 09:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر دۆلەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 26-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا:شۇ كۈنى، مىسىرنىڭ شىمالىدىكى شەھەر سەئىد پورتىدا ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە 25 ئادەم قازا قىلغان، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. مىسىر 2-دالا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئەخمەد ۋاسفى:سەئىد پورتىغا ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىسىم ئەۋەتتۇق دېگەن.

  مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىچە، 25-يانۋار جەمئىي 9 كىشى ئىنقىلاب پارتلىغانلىقىنىڭ 2 يىللىقىنى خاتىرىلەشتىكى توقۇنۇشتا قازا قىلغان، 586 ئادەم يارىلانغان. تاراتقۇلار مۇنداق دەپ قارىغان:ئىككى يىللىق ئازابتىن كېيىن، مىسىر يەنە ئاچا يولغان كېلىپ قالدى، سىياسىي كىرزىس داۋاملىشىش بىلەن بىللە يەنە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتمۇ ناچارلاشتى، ئىقتىسادنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكمۇ ياكى داۋاملىق مالىماچىلىق تۇغدۇرۇپ ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىش كېرەكمۇ؟ فىرئەۋىننىڭ بۇ زېمىنى قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلدى. مىسىر پىرېزىدېنتى مۇرسى خەلقنىڭ سوغۇققان بولۇشىنى، ئومۇملۇقنى چىقىش قىلىپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ زوراۋانلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىپلەپ، زوراۋانلىق پەيدا قىلغانلارنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىشنى تەكىتلىدى.

  مىسىر تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: خەلقنىڭ بۇ قېتىمقى شوئارىنىڭ ئىككى يىل بۇرۇنقىسى بىلەن ئوخشاشلىقى بار، ئۇ بولسىمۇ پىرېزىدېنتكە قارىتىلغان، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇبارەكنىڭ ئىسمى ھازىر مۇرسىغا ئۆزگەرتىلدى خالاس. بىراق، ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: تاساددىبىيلىق يۈز بەرمىسىلا، مۇرسىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەمەس. بۇنىڭدىن سىياسىي دۈشمەنلەر مۇرسىنىڭ تەختتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرسا، مىسىر ۋەزىيىتى ياخشىلانمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

  مىسىر ئەلئېھرام سىتىراتىگىيىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى تەۋفىق مۇنداق دېدى:نامايىشچىلارنىڭ قۇرۇلمىسى بەكلا مۇرەككەپ، بەزىلەر مۇرسىدىن نارازى بولسا، بەزىلەر ئۇنىڭ تەختتىن چۈشىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ شۇنداقلا قانۇنسىز ئۇنسۇرلار توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ. مىسىر خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسىر سەئىد پورتى جىنايى ئىشلار سوتى 26-يانۋار 2012-يىلى 2-ئايدا يۈز بەرگەن 70 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇتبول مەستانىلىرى ۋەقەسىگە ھۆكۈم چىقىرىپ. 21 ۋەقە سادىر قىلغۇچىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن. بىراق بۇ ھۆكۈم ئالىي دىنىي ئورگاننىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. بۇ ئىش يەنە پۇتبول مەستانىلىرى ۋە قوللىغۇچىلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. 26-يانۋار سەئىد پورتىدا يۈز بەرگەن ئېتىشىش ۋەقەسىنىڭ بۇ ئىش بىلەن ئازدۇر كۆپتۇر مۇناسىۋىتى بار. يەرلىك تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم نەتىجىسى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.

  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە