باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۇنجى قېتىم تۆمۈر يول چاغانلىق تىرانسپورتىدىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى

2013.01.28 13:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:چاغانلىق تىرانسپورتنىڭ تۇنجى كۈنى، مەملىكەت بويىچە پويىزغا ئولتۇرغانلار 5 مىليون 250 مىڭغا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە %30 كە يېقىن كىشى تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇردى. بولۇپمۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى تەرەققىي تاپقان شاڭخەي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا قىسمەن پويىز بېكەتلىرىدە تېز سۈرئەتلىك پويىزغا ئولتۇرغان يولۇچىلار %50 تىن ئاشتى. تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۇنجى قېتىم تۆمۈر يول چاغانلىق تىرانسپورتىدىكى تايانچ كۈچكە ئايلاندى.

  بېيجىڭ گۇاڭجۇ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا رەسمىي پويىز قاتنىغىنىغا بىر ئاي بولدى ھەمدە بۇ يىل تۇنجى قېتىم چاغانلىق تىرانسپورتقا قوشۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش باشلىنىپ بولغان بېيجىڭ-شاڭخەي، خاربىن-داليەن، جېڭجۇ- شىئەن قاتارلىق تېز سۈرئەتلىك پويىز قاتارلىقلارنى قوشقاندا دەسلەپكى قەدەمدە تور شەكىللىنىپ، بۇ يىل تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۇتاشقان چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەرلەردىن يەنە نەچچە ئونى كۆپەيدى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە