باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو يېقىلغۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى تاقالماقچى

2013.01.28 13:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كاشىۋازاكى كەرىۋا يادرو يېقىلغۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى
  ياپونىيە «ئۇچۇر گېزىتى» نىڭ 25-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئاتوم ئېنېرگىيەسى پىلانلاش كومىتېتى يەر پوستى ھەرىكىتى جانلىق قىسقا قاتلام نەزەرىيەسىنى كېڭەيتمەكچى بولغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يادرو يېقىلغۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، ياپونىيەنىڭ مەركىزىدىكى نىئىگاتا ناھىيەسىگە ئورۇنلاشقان كاشىۋازاكى كەرىۋا يادرو يېقىلغۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى (Kashiwazaki-Kariwa nuclear power plant) نىڭ مۇشۇ سەۋەب بىلەن تاقىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  قىسقا قاتلام ھەرىكىتى زور دەرىجىدە يەر تەۋرەشنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ، مەسىلەن، 2011-يىلى 3-ئايدا يۈز بەرگە يەر تەۋرەش زور دېڭىز تاشقىنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە بۇ ئارقىلىق فۇكۇشىما دايئىچى يادرو يېقىلغۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى (Fukushima Daiichi Nuclear Power Plant) نىڭ زىيانغا ئۇچراپ كۆپ قىسىم زىيانلىق ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  ياپونىيە ئاتوم ئېنېرگىيەسى پىلانلاش كومىتېتىنىڭ بىر نەپەر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر كومىتېت جانلىق قىسقا قاتلام ھەرىكىتى نەزەرىيەسىنى ھازىرقى مۇقىملاشتۇرۇلغان 120 مىڭ يىلدىن 130 مىڭ يىلغىچە بولغان ئارلىقتىن، بۇندىن بۇرۇنقى 400 مىڭ يىل ئىچىدىكى ھەرىكەتلىنىپ باققان قىسقا قاتلامغا كېڭەيتىدىكەن. ئۇ يەنە: «يېڭى پەرەز 7-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، بۇ مەزگىلدە بىز ياپونىيەدىكى بارلىق يادرو يېقىلغۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قايتا ئويلىشىمىز.» دېگەن.

  ياپونىيە «ئۇچۇر گېزىتى »نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، توكيو ئېلېكتر شىركىتى باشقۇرىدىغان كاشىۋازاكى كارىۋا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى (Kashiwazaki-Kariwa nuclear power plant) نىڭ يەر ئاستىدىكى ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى پارچە جانلىق بولمىغان قىسقا قاتلام يېڭى پەرەز ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىيىن جانلىق قىسقا قاتلامغا ئۆزگەرگەن، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر يادرو يېقىلغۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى تاقالغان. توكيو ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر كاشىۋازاكى كارىۋا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ يەر ئاستىدىكى قىسقا قاتلامغا قارىتا تېخىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، ئۇندىن باشقا يەنە ئالتە يادرو يېقىلغۇ ئېلېكتر ئىستانسىمۇ تەكشۈرۈلىدىكەن. ياپونىيەدىكى 50 يادرو يېقىلغۇ ئېلېكتر ئىستانسىنىڭ 48 ى تاقىلىش تەھدىتىگە دۇچ كەلدى ۋە تەكشۈرۈلۈشنى كۈتۈپ تۇرماقتا. بىر قىسىم يەر تەۋرەش ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى ھازىر مۇناسىۋەتلىك يادرو يېقىلغۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە