باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇتەخەسسىسلەر كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھات لايىھەسىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە توختالدى(1)

2013.01.28 13:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئالدىنقى ھەپتە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2012-يىلى جۇڭگونىڭ جىنى كوئېففىتسېنتنى 0.474 بولدى، خەلقئارا ئېھتىيات سىزىقىدىن ئېشىپ كەتكەن بۇ سان ئېلىمىزدىكى باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ كەسكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. يېقىندا نۇرغۇن مەركەز كارخانىسىنىڭ ئالىي باشقۇرغۇچىلىرى باش بولۇپ مائاشىنى تۆۋەنلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى باش بولۇپ مائاشىنى %30 تۆۋەنلەتتى، جۇڭگو كۆمۈر ئېنېرگىيە شىركىتىمۇ بارلىق كان رايونىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى %10 تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. ئەمما، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىشى پەقەت كارخانىلارنىڭ ھەرىكىتى بولۇپ، كىرىم تەقسىمات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق. ئەسلىدە بۇلتۇرنىڭ ئىچىدە چىقىرىلماقچى بولغان كىرىم تەقسىمات تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىدى. كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقان كىرىم تەقسىماتىنىڭ يېڭى لايىھەسى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالامدۇ-يوق؟ كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتى پەقەت مائاشنى ئۆستۈرۈشمۇ-قانداق؟ مائاشنى ئۆستۈرۈش ئىستېمالنى كېڭەيتەلەمدۇ-يوق؟ ئىسلاھاتقا زادى قەيەردىن تۇتۇش قىلىش كېرەك؟ كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىدىكى 1-خاتا قاراش شۇكى، ئىسلاھات لايىھەسى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالامدۇ-يوق؟

  كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتى لايىھەسى قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى، لېكىن بۇ بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كېتەلمەيدۇ، كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىدىكى بارلىق ئۈمىدنى پەقەت بىرلا لايىھەگە باغلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچىرىگە قارىغاندا، ئۇزۇندىن بېرى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن كېيىن چىقىرىلىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، باي-كەمبەغەللىك پەرقىنى كىچىكلىتىشنى باش مەقسەت قىلغان كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سەككىز يىل بولغان. سەككىز يىل ئىچىدە، بىر تەرەپتىن لايىھەنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، توسقۇنلۇق كۈچى زور بولۇپ، چىقىرىلىش ۋاقتى تەكرار كېچىكىپ كەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى ۋە ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى، شۇ سەۋەبتىن پەيدا بولغان قىزىق مۇنازىرە ئۈزۈلمىدى. جۇڭگو ئەمگەك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قوشۇمچە ئىش ھەققى مەخسۇس كومىتېتىنىڭ باشلىقى سۇ خەينەن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: پەقەت بىرلا يېتەكچى پىكىرگە تايىنىپ، بىزنىڭ بارلىق كىرىم تەقسىمات مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلىش-شۈبھىسىزكى ئەمەلىي ئىش ئەمەس شۇنداقلا مۇمكىن بولمايدۇ. كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتى يېتەكچى پىكرى-بىر ئالىي لايىھە، پەقەت كىرىم تەقسىمات لايىھەسى ھەققىدىكى بىر رامكا خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم مىكرو قاتلاملىق كىرىم تەقسىماتى ھەققىدىكى كونكرېت مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش مۇمكىن ئەمەس، بۇ-يېتەكچى پىكىرنىڭ ئورنى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىجتىمائىي كاپالەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جېڭ بىڭۋېن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز ھەم كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز ھەم بارلىق ئۈمىدىمىزنى ئىسلاھات لايىھەسىگىلا قارىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. جۇڭگودا يولغا قويۇلغان بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا، بىرىنچى قېتىملىق تەقسىمات ئاساسلىقى بازاردا تەقسىملىنىشى، ئاساسىي باھا ۋە ئېرىشىدىغان پايدا يەنىلا بازار تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى لازىم. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مائاشنى ئۆستۈرۈشتە يەنىلا بازارغا تايىنىش كېرەك. جېڭ بىڭۋېن يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلىيەتتە، 2-قېتىملىق تەقسىمات بولسا كىرىم تەقسىمات ئىسلاھاتىدىكى ئۈمىد چوڭ بولغان مۇھىم دىققەت نۇقتىسى، چۈنكى قايتا تەقسىماتقا ئاساسلىقى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ھۆكۈمەت سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت، ئاممىۋى مۇلازىمەت تەمىناتى قاتارلىق قايتا تەقسىمات ساھەسىدە، ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ رول ئوينايدۇ، 1-قېتىملىق تەقسىماتتا پەيدا بولغان يوچۇق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلايدۇ. بۇنىڭغا گۇمان كەتمەيدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە