باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئاساسىمىزنى پۇختىلايلى

2013.01.30 17:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 28-چېسلا چۈشتىن كېيىن تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش توغرىسىدا 3-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ـــــ پارتىيەمىز دەۋر تەرەققىياتى ئېقىمى ۋە ئېلىمىزنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىپ چىقارغان ئىستىراتېگىيەلىك قارار. بىز دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستىراتېگىيەلىك تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ئىستىراتېگىيەلىك تۇراقلاشتۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى-تاشقى ئومۇمىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق نەپ ئېلىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تىنچ خەلقئارالىق مۇھىتنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىدا راۋاج تاپقۇزۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى ئۆزلۈك تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلتىمىزنىڭ ئونىۋېرسال كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز، كەڭ خەلق ئاممىسىنى تىنچ تەرەققىياتتا ئېرىشكەن مەنپەئەتتىن ئۈزلۈكسىز بەھرىمەن قىلىشىمىز، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتىكى ماددىي ئاساسىمىز ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىمىزنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە