باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تيەنخۇا قۇياش نۇرى شىنجاڭ 30MW يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى تورى ئوڭۇشلۇق بىرلەشتۈرۈلدى

2013.01.30 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 2013-يىلى 18-يانۋار، پۈتۈن دۇنيادىكى يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ۋە يۈرگۈزۈلىشىگە كۈچ چىقىرىۋاتقان تيەنخۇا قۇياش نۇرى شىركىتى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئارال شەھىرىگە جايلاشقان 30MW لىق چوڭ تىپتىكى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئوڭۇشلۇق تورلاشتۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شىنجاڭدا قۇياش نۇرى بايلىقى مول بولۇپ، بىر يىلىدىكى كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يورۇتۇش سائىتىh 2500-3550 سائەتكە يېتىدىغان بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول، قۇملۇق، چۆل قاتارلىق جايلار چوڭ تىپتىكى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدۇ.

  تيەنخۇا قۇياش نۇرىنىڭ جۇڭگودىكى شىركىتى 2011-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، شىنجاڭنى جۇڭگودىكى چوڭ كۆلەملىك يەر يۈزىدىكى يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىسىتىراتېگىيەلىك بازار قىلىپ تىزىلغان، ھازىرغىچە، شىنجاڭدا مول تۈر مەنبەسى ساقلانغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2012-يىلى 100MW تۈرىدە ئىش باشلانغان. ئارالدىكى 30MW ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى تيەنخۇا قۇياش نۇرى شىركىتىنىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە باشلىغان 200MW تۈرىنىڭ بىرىنچى قەرەللىك قۇرۇلۇشى، ھازىر قۇرۇلۇش تاماملاندى ھەمدە تورلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى تورى بىرلەشتۈرۈلگەن چوڭ تىپتىكى يەر يۈزىدىكى يورۇقلۇق ۋولتلۇق ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ قالدى، شۇنداقلا ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ بولغان تورى بىرلەشتۈرۈلگەن يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ قېلىپ، تيەنخۇا قۇياش نۇرى شىركىتىنىڭ شىنجاڭدا يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر پونكىتىغا مەبلەغ سېلىش ۋە قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە قەتئىيلىكىنى نامايان قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە