باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تارىخنى ئۇنتۇماسلىق ئۈچۈن 500 مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيە ناتسىستلارنىڭ ھاكىمىيەت تۇتۇپ تۇرغان مەزگىلدىكى ساۋاق ئۈستىدە قايتا ئويلاندى

2013.01.31 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، بېرلىندا ناتسىستلار ھاكىمىيەت تۇتقان تارىخ ئۈستىدە ئويلىنىش توغرىسىدىكى كۆرگەزمىگە يوپۇق ئاچتى، بۇ بېرلىندىكى 2013-يىللىق مەخسۇس تېمىدىكى يىللىق پائالىيەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە، بېرلىندىكى ھەرقايسى چوڭ مۇزېي ۋە مەدەنىيەت سورۇنلىرىدا 500 مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، 1933-يىلى ناتسىستلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن تارتىپ، 1938-يىلى يەھۇدىيلارغا قارشى مالىمانچىلىققىچە بولغان تارىخنى ئەسلەپ، تارىخىي جىنايىتىگە توۋا قىلىپ، ئېكستىرمىزم ۋە يېڭى ناتسىزمنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى.

  «تارىخ بولمىسا كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ»

  بېرلىندىكى «قورقۇنچلۇق جايلار مۇزېي»نىڭ ئورنى ئەسلى ناتسىستلار گېستاپوسىنىڭ باش شىتابى ئىدى، ھازىر بۇ يەردە دائىم ھەر خىل تارىخى كۆرگەزمىلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ. مېركېل شۇ كۈنى «1933-يىلىدىكى بېرلىن ــــ مۇستەبىتلىك يولىغا مېڭىش» تېما قىلىنغان كۆرگەزمىگە يوپۇق ئاچتى ۋە ئاساسىي مۇددىئالىق نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇ ناتسىستلار ھاكىمىيەت تۇتقان مەزگىلىدىكى تارىخنى ئەسلەپ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەينى يىللاردا ناتسىستلارنىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدە گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭمۇ جاۋابكارلىقى بار. بىر قىسىم قابىلىيەتلىكلەر ناتسىستلار پارتىيەسىگە قاتناشتى، نۇرغۇن كىشىلەر بولسا ناتسىستلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشىغا سۈكۈت قىلدى. ئۇ شۇنى قايتا تەكىتلەپ ئۆتتى: گېرمانىيە تارىختا ئۆتكۈزگەن جىنايىتى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە