باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئۆپكە تۇبىركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار يىلىغا 27 مىڭدىن كۆپىيىۋىتىپتۇ

2013.01.31 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «نۆۋەتتە، شىنجاڭدا يىلىغا يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان ئۆپكە تۇبىركۇليۇز بىمارلىرى 27 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، يەتتە مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بۇ كېسەل بىلەن قازا قىلىۋىتىپتۇ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن ئىككى، ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، يېزىلاردا يوقۇملىنىش نىسبىتى شەھەردىكىلەردىن يۇقىرى». 27-يانۋار، سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ تىبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، سەھىيە ساھەسى بويىچە گورۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇلاھىزە ئېلىپ بارغاندا، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يوقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى، ئۆپكە تۇبىركۇليۇز كېسەللىىنىڭ قوزغىلىشىنى چەكلەشنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دىلشات ياقۇپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ ئىزچىل تۈردە ئۆپكە تۇبىركۇليۇز كېسەللىكى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 200 مىڭغا يېقىن كىشى بۇ خىل كېسەل بىلەن يوقۇملانغان ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئۆپكە تۇبىركۇليۇز كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش ھالىتى مۇرەككەپ، داۋالاش قىينغا توختايدىغان ئۆپكە تۇبىركۇليۇز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر كۆپ، تۇبىركۇليۇز كېسەللىكى ۋە ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن تەڭ يوقۇملانغان كىشىلەر كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}