باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى: ئىران قويۇپ بەرگەن توشىغۇچى راكېتا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى

2013.01.30 17:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيە ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى شۇ يەر ۋاقتى 28-يانۋار مۇنۇلارنى جاكارلىغان: ئىران ئۆزى ياساپ چىققان «يول ئاچقۇچى» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق بىر تىرىك مايمۇننى بوشلۇققا چىقاردى. سۈرەتكە قارىغاندا، ئورۇندۇققا مەھكەم بېكىتىلگەن مايمۇن «يول ئاچقۇچى» ناملىق توشۇغۇچى راكېتاغا سولانغان. بۇ مايمۇننى ئېلىپ ماڭغان ئالەم بوشلۇقى بۆلمىسى راكېتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن يەر يۈزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 120 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىردى، ئارقىدىن پىلان بويىچە يەر شارىغا قايتتى. ئالەم بوشلۇقى بۆلمىسى يەرگە چۈشكەندىن كېيىن تولۇق يىغىۋېلىندى، مايمۇنمۇ ھايات ئىكەن.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى نيۇلاند بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ: ئىران ترايېكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ راكېتا قويۇپ بېرىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلدى، بۇ تېخنىكا يادرو ئوق بېشى قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەيلى مايمۇننى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش بولسۇن ياكى راكېتا قويۇپ بېرىش بولسۇن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە