باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركمەنىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەر ھەربىيچە باشقۇرۇلىدىكەن

2013.01.30 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 30-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. تۈركمەنىستاندىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممە ھەرىكەتلىرى ھەربىيلەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ، رەھبەرگە شەرتسز بوي سۇنىدۇ، رەھبەرگە قارشى پىكىر بايان قىلمايدۇ، ئوقۇتقۇچى، فاكۇلتېت مۇدىرى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ياكى مەكتەپ مۇدىرى ئۆزىمۇ ھەم شۇنداق. بىر ئادەم ھەر قانچە كىچىك خاتالىق سادىر قىلسىمۇ، مەكتەپ مۇدىرى بۇ ئادەمنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ ھەمدە شەخسنىڭ ئارخىپىغا كىرگۈزىدۇ. ئىككى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ. بۇ خىل خاتالىق ھەر خىل بولۇشى مۇمكىن: دەرس ۋاقتىدا يانفون ئىشلىتىش، دەرسكە نەچچە مىنۇت كىچىكىپ قېلىش ياكى كەچتە 8 دىن كېيىن ياتاققا قايتىش دېگەندەك. تۈركمەنىستاندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقىت بەلگىلەپ چىراق ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى قوللىنىدۇ. 2012-يىلى 5-دېكابىر، مۇستەقىللىق بىرلەشمىسىدىكى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى ئاشىخابادتا ئېلىپ بېرىلغاندا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كەچ سائەت 6 دىلا ئىشىكنى تاقىغان. كېچىكىپ قالغانلارنىڭ قاتتىق جازالانغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس.

  نۇرغۇن كىشىلەر نېمىشقا تۈركمەنىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ مۇشۇنداق قاتتىق باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى سورىغان. ئالدى بىلەن، مائارىپ خىزمىتىنى باشقۇرىدىغان مۇئاۋىن زۇڭلى ۋە مەكتەپ مۇدىرى مۇشۇنداق بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركمەنىستاندا كۆپلەپ چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەردى، ھەر قايسى ۋەقەگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چېتىلىپ قالدى، نۇرغۇنلىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى مۇشۇ سەۋەبلىك خىزمىتىدىن قالدۇرۇلدى. ئىككىنچىدىن، ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرى بۇ خىل بەلگىلىمە بىلەن سەلبىي ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش سانىنى ئازايتماقچى. ئەگەر ۋەقە يۈز بەرسىمۇ، ئاسانلا يوشۇرۇپ قېلىپ، ئۇچۇرنى «يۇقىرى قاتلامدىكىلەر»گە يەتكۈزمەيدۇ. ئەمما يوشۇرۇپ قېلىنغان ۋەقەلەر ناھايىتى ئاز، چۈنكى ھەر بىر مەكتەپتە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدىغان ئادەم بار، سەۋەپ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئورنى ئادەمنىڭ شۆلگىيىنى ئاقتۇرىدىغان سېمىز گۆش.

  تۈركمەنىستاندا جەمئىي 20 ئالىي مەكتەپ، 23 مىڭ ئوقوغۇچى بار. بارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسنى ھۆكۈمەت قۇرغان. بەلكىم پات يېقىندا خۇسۇسىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى مۇمكىن. بۇ مەكتەپنىڭ تۈزۈلمىسىنىڭ قانداق بولۇشى ئادەمنى تەقەززا قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە