باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلار ئىككى يىغىننى كەينى-كەينىدىن ئېچىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنى سايلاپ چىقتى

2013.01.29 16:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:يېقىندا ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنى كەينى-كەينىدىن ئېچىلدى. قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى سايلاپ چىقتى.

  يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا 27-يانۋار چىن گۇاڭروڭ يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، لى جىخېڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا، جاڭ شۆچۈن يۈننەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1-يىغىنىدا 27-يانۋار پابالا. گېلىلاڭجې شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە، گوڭ باۋزاشى، لو سوڭدۇجې، لى سۇجى قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا 27-يانۋار جاڭ يى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، ۋاڭ جېڭۋېي (خۇيزۇ) نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە، لى يەنكەي (خۇيزۇ) نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  چىڭخەي ئۆلكىلىك 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1-يىغىنىدا 27-يانۋار رېن چىڭجيا ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە، سىچۈەن ئۆلكىلىك 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1-يىغىنىدا 27-يانۋار لى چوڭشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە، فۇجيەن ئۆلكىلىك 11-نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 1-يىغىنىدا 27-يانۋار جاڭ چاڭپىڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە