باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قەشقەردىن ئىچكىرىگە بىۋاستە قاتنايدىغان تۆمۈر يول لېنىيەسى ئېچىش تەكلىپىنى بەردى

2013.01.30 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ئېچىلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم شەھەر قەشقەردىن ئىچكىرىگە بىۋاستە قاتنايدىغان بىرمۇ پويىز يوق. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ھەيئىتى ئابلا ئابدۇكېرىم تەكلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى بىلەن ئاكتىپ كېلىشىپ، قەشقەردىن شىئەن، چېڭدۇ، جېڭجۇ، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا بىۋاستە قاتنايدىغان پويىز لىنىيەسىنى بالدۇرراق بەرپا قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ پىكىر بېرىپ، قەشقەر تۆمۈر يول ئىستانسىسىغا قارىتا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى، قەشقەر ـ ئاقسۇ قوش لېنيەلىك تۆمۈر يولىدا ئىش باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى، بالدۇرراق قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان قوش رېلىسلىق يول بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، قەشقەر رايونى ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت يارىتىش تەكلىپىنى بەردى.

  ئابلا ئابدۇكېرىم مۇنداق دەپ قارىدى، نۆۋەتتە، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان ئىككىلا پويىز بولۇپ (خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان، قەشقەر بېكىتىدىن ئۆتىدىغان پويىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئىككىسىلا تاق يۆنىلىشلىك ترانسىپورت بولۇپ، خېرىدار ۋە يۈك توشۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ.

  نۆۋەتتە، قەشقەر پويىز ئىستانسىسىنىڭ يولۇچىلار ئېقىم مىقدارى كۈنىگە تەخمىنەن 2500 ئادەمگە يىتىدۇ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە 3500 ئادەمدىن ئاشىدۇ، لېكىن نۆۋەت كۈتۈش زالى ئارانلا 500 ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ، نۇرغۇن يولۇچىلار ئۈستى ئۇچۇق زالدا ساقلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

  يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، «بېلەت ئېلىش تەس بولۇش» مەسىلىسى قەشقەردە ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ، ئىچكىرىدىكى مۇھىم شەھەرلەرگە بىۋاستە بارىدىغان مال، يولۇچى قاتارلىقلار چوقۇم ئۈرۈمچى، كورلا قاتارلىق جايلاردىن يۆتكىلىدىغان بولۇپ، بۇ ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئۆلكە شەھەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ ئالاقىسى ۋە سانائەت تۈرى ترانسىپورتىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}