- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ۋەكىللەر شىنجاڭنى مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش تەكلىپىنى بەردى
2013.01.30 16:26 مەنبە: خەلق تورى
شىنجاڭدا مۇسۇلمانچە يېمەكلىك يەيدىغانلار 13 مىليۇندىن ئاشىدۇ، دۇنيا مىقياسىدىكى مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىستىمالچىلىرى 2 مىلياردتىن كەم ئەمەس. مۇسۇلمانچە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ئىستىمالچىلار ئاساسلىق توپلاشقان رايون بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن شىنجاڭ زادى قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىدا، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ما خەيتاۋ، سۇ ئېنچۇەن قاتارلىقلار، شىنجاڭنى «مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەر بازىسى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىش،تايانچ كارخانىلارنى قۇرۇپ، مۇسۇلمانچە يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ موسۇلمانچە يېمەكلىكلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. (ياڭ نۈەننۈەن)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
${KEYWORD}