- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


يېڭى قاتناش قائىدىسى يولغا قويۇلغىلى بىر ئاي بولدى
2013.02.01 15:38 مەنبە: خەلق تورى
قاتناش ۋەقەسى ئازايدى، پىراۋا ئېلىش قىيىنلاشتى، مەدەنىيەت ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. يېڭىدىن بېكىتىلگەن «ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ پراۋا ئىلتىماس قىلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى» بۇ يىل 1-يانۋاردىن باشلاپ يۈرگۈزۈلگىنىگە بىر ئاي بولدى. مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «يېڭى قاتناش بەلگىلىمىسى» يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان، ھەر قايسى جايلار پراۋا ئالغۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھان ئۆلچىمى ۋە تەلىپىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانۇننى ئىجىرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، بىر ئايدىن بۇيان بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە