- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمى» تاماق ئۈستىلى ئىسراپچىلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قالدى
2013.02.04 16:52 مەنبە: خەلق تورى
«تاماقنى كۆپ بۇيرۇتۇشقا، قىممەت تاماقلارنى بۇيرۇتۇشقا مەجبۇر بولىمىز، ئاخىرىدا يەپ بولالماي ئېشىپ قالىدۇ». مېھمانخانا ۋە ئاشخانىلاردىكى ئايرىمخانىلارنىڭ «ئەڭ تۆۋەن ئېستىمال ئۆلچىمى» دائىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. مۇخبىر يېقىندا زىيارەت قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى بايقىغان: يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە ئايرىمخانىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمى بولۇش ئەھۋالى يەنىلا ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ ئىسراپچىلىق شامىلىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
3-فېۋرال، مۇخبىر بېيجىڭ شەھىرى شەرقىي 4-ئايلانما يولى بويىدىكى بىر ئالىي دەرىجىلىك ئاشخانىغا تېلېفون قىلىپ، ئايرىمخانا زاكاس قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خىزمەتچى مۇخبىرغا، ئايرىمخانىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمىنىڭ 800 يۈەن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە %15 مۇلازىمەت ھەققى قوشۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر يەنە ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى بەش-ئالتە ئاشخانىدىن سۈرۈشتۈرگەندە، ئايرىمخانىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمىنىڭ نەچچە يۈز يۈەندىن نەچچە مىڭ يۈەنگىچە ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تىزگىنلەشتە، بىر تەرەپتىن ساھەلەر ئىتتىپاقى ئارقىلىق تېجەشلەك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن ئالاقىدار تارماقلار ئارقىلىق قانۇن-نىزام شەكلى بويىچە قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
سودا مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 28-فېۋرال ئاشخانا، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە «ئىقتىسادچان-تېجەشلىك بولۇشنى يولغا قويۇپ، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ، ئەڭ تۆۋەن ئىستېمال ئۆلچىمى، ئايرىمخانا ھەققى قاتارلىق ئالاقىدار ھەقلەرنىڭ تەرتىپكە سېلىنىدىغانلىقى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە