باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋيېتنام كومپارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 83 يىللىقى تەبرىكلەندى

2013.02.04 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:تۈنۈگۈن ۋيېتنام كومپارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 83 يىللىق خاتىرە كۈنى، ۋيېتنامنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە شەھەرلىرىدە ئەدەبىيات سەنئەت ئويۇنى، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرىنى تەقدىرلەش قاتارلىق تۈرلۈك داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. ۋيېتنامنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «چاغاننى كۈتىۋېلىش پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش» پائالىيەتلىرى مول مەزمۇنلۇق بولدى.

  ۋيېتنام كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى، خۇ جىمىن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى لى چىنخەي مۇنداق دېدى: بۇ يىل ۋيېتنام كومپارتىيىسىنىڭ 11-قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى ۋە خۇ جىمىن شەھەرلىك 9-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھالىقىلىق بىر يىل. خەلق بىزنىڭ ئاۋانگارتلىق نەمۇنىلىك رول ئوينىشىمىزنى كۈتمەكتە ۋە ئۈمىد قىلماقتا. بىز ئىنقىلاب نەتىجىلىرى ۋە ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى شەھەر بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىزىم يولىدا مۇقىم ئىلگىرلەيمىز.

  خۇ جىمىن شەھەرلىك ئەمگەك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈلۈشكۈن يەنە 148 ئىشچى پارتىيە ئەزاسىنى تەقدىرلىدى، ئۇندىن باشقا «چاغاننى كۈتىۋېلىش-پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش» ناملىق فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ، 280 چوڭ تىپتىكى فوتو سۈرەتنى كۆرگەزمە قىلدى، ئۈچ خەرىتە ۋە كىتاپ ئۈزۈندىسىدە ۋيېتنام كومپارتىيىسىنىڭ شانلىق ئەنئەنىسى ۋە 83 يىلدىن بۇيانقى ۋيېتنام خەلقىنىڭ ئىنقىلاب ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ۋيېتنام كومپارتىيىسىنىڭ ۋيېتنامنىڭ مىللىي تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى مۇھىم رەھەرلىك ئورنى ۋە رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە