باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغان مەزگىلىدە بېيجىڭنىڭ كۈندىلىك كۆكتات تەمىناتى 20 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن

2013.02.04 16:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:2-فېۋرالدىن 20-مارتقىچە بېيجىڭ، خېبېي، خەينەن، شەندۇڭ، ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا قاتارلىق 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ بېيجىڭنى تەمىنلىگەن كۈندىلىك كۆكتات مىقدارى 2000 توننىدىن كۆپىرەك ئېشىپ، چاغان مەزگىلىدە پايتەختنىڭ كۆكتات قاتارلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، خەلقنىڭ يېمەكلىكى موللاشتۇرۇلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كۈندىلىك كۆكتات تەمىناتى تەخمىنەن 20مىڭ توننا ئىكەن، بۇ قېتىم 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بېيجىڭ شەھىرىنىڭ كۈندىلىك كۆكتات تەمىناتىنى 10 پىرسەنتتىن 15 پىرسەنتكىچە كۆپەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن، كۆپەيتىلىدىغان تۈرلەر ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كېرەكلىك يېسىۋېلەك، ئاق تۇرۇپ، سەۋزە، بەرەڭگە، باش پىياز، تەرخەمەك، پەمىدۇر، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك سودا كومىتېتى تۈنۈگۈن ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى بېيجىڭنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق كۆكتات ئىشلەپچىقىرىلىدىغان 20 يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. بېيجىڭ شىن فادى، دا ياڭلۇ قاتارلىق سەككىز نۇقتىلىق توپ سېتىش بازىرى، ۋۇ مېي، جىڭ كېلوڭ قاتارلىق ئون تاللا بازىرى، خەن ناشەن، شياڭ ئېچىڭ قاتارلىق ئون يېمەك ئىچمەك كارخانىسى 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 88 كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ۋە توشۇش سېتىش كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىق مۇددانامىسى ئىمزالىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە