- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جيا چىڭلىن سىخانۇكنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن فنومپىنغا يېتىپ باردى
2013.02.04 15:05 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن 3-فېۋرال چۈشتىن كېيىن كامبودژانىڭ پايتەختى فنومپىنغا يېتىپ باردى، ئۇ 4-فېۋرال ئۆتكۈزۈلىدىغان شاھىنشاھ سىخانۇكنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ دوستىنى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ.
2012-يىلى 15-ئۆكتەبىر سەھەردە شاھىنشاھ سىخانۇك بېيجىڭدا ئەلەمدىن ئۆتتى، 17-ئۆكتەبىر ئۇنىڭ تاۋۇتى كامبوژاغا يەتكۈزۈلدى. كامبودژا خان جەمەتىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە ئاممىنىڭ تەزىيە بىلدۈرۈشى ئۈچۈن، شاھىنشاھ سىخانۇكنىڭ تاۋۇتى ئوردىدا ئۈچ ئاي قويۇلدى.
رەئىس جيا چىڭلىن 3-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەت مالايسىيادا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە