باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما: ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى تەڭپۇڭ تەدبىرگە مۇھتاج

2013.02.04 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 2-فېۋرال سۆز قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنى يارىتىش ئۈچۈن، دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەڭپۇڭ شەكىللەر بىلەن قىزىل رەقەمنى ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئوباما شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىقتىسادىدا ھەقىقى ياخشىلىنىش ئالامەتلىرى بارلىققا كەلدى، ئۆي باھاسىمۇ ئۆرلەشكە باشلىدى.

  ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چىقىمنى ئازايتىشقىلا تايىنىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. ئامېرىكا بىر خىل تەڭكەش ئۇسۇلغا مۇھتاج ، زۆرۈر بولمىغان چىقىمنى ئازايتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مائارىپ، ئاساسىي مۇئەسسئەسسە ۋە پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىمىنى ئازايتىش ئارقىلىق يۈكنى پېنسىيىگە چىققان كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بەلكى باج كىرىمى يوچۇقىنى ئېتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  ئوباما مۇنداق دېدى: 2013-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ۋە ساغلام ئېشىشدىن، تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ يارىتىلىشىدىن ئۈمىد بار. دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيە مۇھىم مەركەزنى دۆلەتكە پايدىلىق بولغان سىياسەتلەرگە قارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە