باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 23ى ئۈرۈمچىدە «ماكان تۇتتى»

2013.02.05 16:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلقئارا چوڭ بازارغا جايلاشقان «كەررىفور» تاللا بازىرى
  دۇنيادىكى 12-كۈچلۈك كارخانا «ھەممىباب »، 39-كۈچلۈك كارخانا «كەررىفور » قاتارلىق دۇنيادىكى چوڭ كارخانا-چوڭ گۇرۇھلار ئۈرۈمچىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى بويىچە بۇ مەركىزىي شەھەردە ماكانلىشىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  31-يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2012-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرىدە رايون سىرتىدىن ئەمەلىي نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ 38 مىليارد 745 مىليون يۈەن بولۇپ، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 23 ى بۇ مەركىزىي شەھەردىن « ماكان تۇتقان». «دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ 23 ى، «جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا»نىڭ 88 ى شەھىرىمىزدىن «ماكان تۇتتى» (پۇل مۇئامىلە ، ئالاقە ، قاتناش قاتارلىق كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ )، بۇ كارخانىلارنىڭ شەھىرىمىزگە ماكانلىشىشى شەھىرىمىزگە مەبلەغ ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن ، يەنە خىزمەت ئورنى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ » دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەيپىدىن ئەزىز .

  سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەمەلىيلەشكەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى 451، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرى 136، يېڭىدىن كىرگۈزۈلگەن تۈرلەرگە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 107 مىليارد 394 مىليون يۈەن بولغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە