باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

2013.02.04 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 1-فېۋرال كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى بارلىق تىرىشچانلىقلىرى بىلەن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، بۇ خىل قايتا-قايتا كۆرۈلگەن دىپلوماتىيە ساھەسىگە قارىتىلغان يېڭى تىپتىكى زوراۋانلىق قىلمىشى دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ نورمال خىزمەت ئىشلىشىگە ئېغىر توسقۇنلۇق پەيدا قىلدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشى مۇنۇلارنى كۈچلۈك تەكىتلەيدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورىزمنىڭ ھەممىسى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. مەيلى قايسى خىل شەكىلدىكى تېررورىزم قىلمىشى بولسۇن ھەممىسىلا جىنايى قىلمىش ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا جىنايى جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

  شۇ جاي ۋاقتى 1-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ئەنقەرە شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇلخانىسى ئىشىكى سىرتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇنداق دېگەن: بىر نەپەر تۈركىيە ئىنقىلابى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى (بېرگادىسى)نىڭ ئەزاسى ئەينى ۋاقىتتا ئەلچىخانىغا ئۈسۈپ كىرىپ بەدىنىدىكى پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى پارتلىتىپ بىر نەپەر تۈركىيەلىك ئامانلىق ساقلىغۇچى ۋە ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، يەنە بىر تۈركىيەلىك مۇخبىر ئېغىر يارىلانغان، ئەتراپتىكى قىسمەن قۇرۇلۇشلارمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە