- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بىر نەچچە دۆلەت تاراتقۇلىرى ئىراننىڭ تىرىك مايمۇننى ئالەم بوشلۇقىغاچىقارغانلىقىدىن گۇمان قىلدى
ئىران: تاراتقۇلار سۈرەتنى خاتا ئىشلىتىپ قويغان
2013.02.04 17:05 مەنبە: خەلق تورى
ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغان تىرىك مايمۇننىڭ سۈرىتى. (1-سۈرەت).30-يانۋاردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان مايمۇننىڭ قىزىل مېڭى يوقاپ كەتكەن، ھەمدە تۈكىنىڭ رەڭگى قېنىقراق بولۇپ قالغان. (ئىككىنچى سۈرەت)
ئەنگىلىيە «تايمىس گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرسەتكەن راكىتانىڭ قويۇپ بېرىلىش ئالدىدىكى كۆرۈنۈشىدە، ئالەمگە چىقىرىلىش ئالدىدىكى ئالەم كىيىمى كەيدۈرۈلگەن مايمۇن ئورۇندۇققا باغلاپ قويۇلغان. سۈرەتتە بۇ مايمۇننىڭ ئوڭ قاپىقىدا ناھايىتى ئېنىق بىر مەڭ بار ھەمدە بېشىدىكى تۈكىنىڭ رەڭگى سۇسراق ئىكەن. ئەمما ئالەم كېمىسى ئوڭۇشلۇق قايتۇرۇپ كېلىنىپ، مايمۇننىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا يەر شارىغا ھايات قايتىپ كەلگەنلىگى توغرىسىدىكى خەۋەردە مايمۇننىڭ بۇ كۆرۈنەرلىك بەلگىلىرى يوقاپ كەتكەن. ئىراننىڭ «دۆلەت قەھرىمانى» دەپ قارالغان بۇ مايمۇننىڭ ئوڭ قاپىقىدىكى مەڭ ۋە بېشىدىكى سۇس تۈكىمۇ كۆرۈنمىگەن.
ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرىمۇ بۇ ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلغان.
غەرب دۆلەتلىرىنىڭ گۇمانلىرىغا قارىتا، بۇ تۈرگە قاتناشقان ئىران ئەمەلدارى مۇھەممەد مۇنداق چۈشەنچە بەردى : مايمۇن ھەقىقەتەن ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ بىخەتەر قايتىپ كەلدى، ھازىر ناھايىتى ساغلام، يەنە بىر مايمۇن ‹تولۇقلىغۇچى خادىم›نىڭ سۈرىتىنى ئىران تاراتقۇلىرى خەۋەر قىلغاندا خاتا ئىشلىتىپ قويغان.»ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، ئىككى خىل پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئىران ئالەم كېمىسىنى ئوڭۇشلۇق قويۇپ بېرىپ قايتۇرۇپ كەلگەن، ھەمدە ئەسلىدىكى مايمۇننىڭ ئۈلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان، مەغلۇبىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشتىن نومۇس قىلغان ئىران باشقا بىر تىرىك مايمۇننى ئالماشتۇرغان. ئىككىنچى، ئىران بەلكىم بۇ قېتىملىق ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىشنى ئېلىپ بارمىغان بولۇشى مۇمكىن.
2009-يىلى ئىران تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىنى ئوربىتاغا قويۇپ بېرىپ، ئالەم بوشلۇقى پىلانى تۈزگەن. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىراننىڭ راكىتا تېخنىكىسىنىڭ يادرو بومبىسى ئېلىپ ماڭغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد تۈرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشىدىن ئەندىشە قىلغان.
2011-يىلى 9-ئايدا ئىران تىرىك مايمۇننى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىشتا مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، تىرىك مايمۇننى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش پىلانىنى مۇددەتسىز كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. ئەمما ئىران چاشقان، تاشپاقا ۋە قۇرت قاتارلىقلارنىڭ بوشلۇققا ئوڭۇشلۇق چىقىرىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
2013-يىلى 1-ئايدا، ئىران يەنە بىر قېتىم «مايمۇننى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغانلىقى»نى جاكارلىدى ھەمدە بۇ تەجرىبە ئارقىلىق 2020-يىلى ئالەم بوشلۇقىغا ئادەم چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە