باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ ئېيتىشىچە، مەملىكەت بويىچە نورمىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ماشىنىسى %50كە يەتكەن، 1/3 ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى شەخسىي ئىگىلىۋالغان

2013.02.04 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «خەلق گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئىقتىسادقا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ھالبۇكى مۇخبىر تەكشۈرۈش جەريانىدا ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىش ئىسراپچىلىقىنىڭ ھەقىقەتەن ئېغىرلىقىنى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئۆلچەم-نورمىدىن ئېشىپ كېتىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دۇ لىمىڭنىڭ دېيىشىچە مەملىكەت بويىچە نورمىدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ماشىنىسى %50تىن ئېشىپ كەتكەن.

  ئىككى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خۇبېي ئۆلكىلىك ئىستاتستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يې چىڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسراپچىلىقى ئاساسەن ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش ئېغىر، رەسمىي ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىش ۋاقتى ئازىراق؛ ئىككىنچىدىن، يولنى ئىگىلىۋېلىپ، قاتناش قىستاڭچىلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى؛ ئۈچىنچىدىن، رېمونت ھەققى يۇقىرى، يۈرۈش ئۈنۈمى تۆۋەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھۆكۈمەت ماشىنىسىنىڭ ئۆلچەم-نورمىدىن ئارتۇق بولۇشتەك قائىدىگە خىلاپ مەسىلىلەر مەۋجۇت. 2007-يىلدىن 2012-يىلىغىچە، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى ئىشلىتىش مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش جەريانىدا، مەملىكەت بويىچە 199 مىڭ 600 دانە قائىدىگە خىلاپ ماشىنا ئېنىقلىنىپ چىققان. دۇ لىمىڭنىڭ قارىشىچە «مەملىكەت بويىچە ئۆلچەم-نورمىدىن ئارتۇق ماشىنا %50تىن ئېشىپ كەتكەن، بەزى رايونلارنىڭ رەھبەرلىرىگە بىر ئادەمگە ئىككى ماشىنا سەپلەنگەن.»(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە