باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئاممىۋىي مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى

2013.02.05 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى يېقىندا «چاغان مەزگىلىدە ئاممىۋىي مەدەنىيەت سورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، جايلاردىكى مەدەنىيەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىدىن ئاممىۋىي مەدەنىيەت سورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چاغاننى خۇشال -خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئادەمنى ئاساس قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتىسىيەسى بىلەن، چاغان مەزگىلىدىكى ئاممىۋىي مەدەنىيەت سورۇنلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى، جىددىي باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئۇچۇر ئېلان قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. چاغان مەزگىلىدە چوڭ تىپتىكى ئاممىۋىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى كۈچەيتىپ، پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىلار، ئۈستىگە ئالغۇچىلار، سورۇن باشقۇرغۇچىلار قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. چاغاندىن بۇرۇن ئاممىۋىي مەدەنىيەت سورۇنلىرىنىڭ تورسىمان ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىكىنى چوڭ تەكشۈرۈش كېرەك. پائالىيەت سورۇنلىرى، ئەسلىھەلەر، ئوت ئۆچۈرۈش يوللىرى، تارقاقلاشتۇرۇش چىقىش ئېغىزلىرى، جىددىي يورىتىش قاتارلىقلارنى تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە