باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېقىندا 4 چوڭ ۋەقەنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2013.02.05 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن 51 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 4 چوڭ ۋەقەنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ۋەقەلەر قىسمەن كارخانىلار، شوپۇرلار ھەمدە قىسمەن رايونلاردىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدا ساقلانغان نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىدى.

  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشى قىسمەن كارخانىلاردا بىخەتەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، ئاپتوموبىللارغا نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك قاچىلاش، سۈرئەتنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش قىلمىشلىرىنىڭ ئېغىرلىقى، شوپۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنىڭ ئاجىزلىقى، شۇنداقلا قىسمەن رايونلار ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدا ساقلانغان ئاجىز ھالقىلار، قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە ساقلانغان يوچۇقلار قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ۋەقە يېزىلارنىڭ يولۇچىلار تىرانسپورت لىنىيەسىگە، بىرسى تاغلىق رايوننىڭ تاش يولىغا چېتىلىدۇ، بۇ ۋەقەلەر يېزىلارنىڭ يولۇچىلار تىرانسپورت بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى، بۇنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى.

  دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى چاغان مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مۇشۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە قەتئىي توسۇش ئۈچۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار چاغانلىق تىرانسپورت بىخەتەرلىك خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش سالمىقى ، چاغان مەزگىلىدىكى يېزىلارنىڭ تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، پوجاڭزا ئىشلەپچىقىرىش، توشۇشتىكى قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە