باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاندىكى %40 ئەر: ئاياللار پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىسا گۇناھ ئاياللاردا

2013.02.05 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خەلقئارا ئاياللار تەتقىقات مەركىزى ئالدىنقى يىلى ئۆكتەبىردىن نويابىرغىچە جەمئىي 2000 ئايال ۋە 1000 ئەرنى نىشان قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان كىشىلەرنىڭ يېشى 16 ياشتىن 49 ياشقىچە بولۇپ، مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ب د ت گە تاپشۇرۇلۇپ بېرىلگەن. ھىندىستان ئاياللار ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ 1-فېۋرال ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولىشىچە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئەرلەرنىڭ %51 ى ئۆزىنىڭ بۇرۇن قىز-ئاياللارغا جىنسى پاراكەندىچىلىك ۋە ياكى بولمىسا جىنسى زوراۋانلىق قىلىپ باققانلىقىنى ئىقرار قىلغان. %40 ئەر «قىز-ئاياللار ئاممىۋى سورۇندا جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىسا، گۇناھ شۇلارنىڭ ئۆزىدە» دەپ قارايدىكەن.

خەلىقئارا ئاياللار تەتقىقات مەركىزى ئاسىيا رايونلىق ئىش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى راۋى ۋېرما (ICRW Asia regional director Ravi Verma) مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان ئاياللارنىڭ يېرىمى يېڭى دېھلى كوچىلىرى، بازار، باغچا ۋە ئاممىۋى بېكەت قاتارلىق جايلار پەقەتلا بىخەتەر ئەمەس دەپ قارايدىكەن. تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 90% ئايال بولسا بۇرۇن جىنسى پاراكەندىچىلىككە ۋە ياكى جىنسى زوراۋانلىققا ئۇچراپ باققانلىقىنى بىلدۈرگەن، يەنى سەت گەپلەر بىلەن تىللاش، قالايمىقان ئىشارەتلەرنى قىلىش، ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى سىلىۋېلىش، ئۆزىنىڭ ئەۋرەتلىرىنى كۆرسىتىش ۋە جىنسى پاراكەندىچىلىك قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىقلار.

ئالدىنقى يىلى 16-دېكابىر، ھىندىستانلىق 23 ياشلىق بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاممىۋى ئاپتوبۇستا ئۆيىگە قايتىۋاتقاندا ئالتە لۈكچەكنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ۋە قاتتىق ئۇرۇشىغا ئۇچرىغان، ئاقىۋەتتە بىر قانچە كۈندىن كىيىن يارىسى ناھايىتى ئېغىر بولغانلىقتىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. مەزكۇر باسقۇنچىلىق دېلوسى ھىندىستاندا كەڭ كۆلەمدە نامايىش پائالىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نامايىش قىلغۇچىلار پايتەخت ئامانلىقىنى ياخشىلاش، ئاياللارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى.


مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە