باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى

(2012-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى)

2013.02.01 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىللىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى مۇنداق: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەڭ قەدەملەشتۈرۈش»تىن ئىبارەت ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۇپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، كىرىمنى ئاشۇرۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشىپ ھاياتىي كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت خىزمەت نىشانى بويىچە يېزا ئىسلاھاتىنىڭ سالمىقى، سىياسەت جەھەتتىن يۈلەش سالمىقى ۋە پەن-تېخنىكا ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا، يېزىلارنىڭ ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، تەشكىللىشىش، ئىجتىمائىيلىشىش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىپ، يېزىلاردىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش.

  1. مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماددىي ئاساسىنى تىرىشىپ مۇستەھكەملەش

  2. يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش-قوغداش تۈزۈمىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، يېز ئىگىلىكىنى كۈچلەندۈرۈش-دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش

  3. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش –باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دېھقانلارنىڭ تەشكىللىشىش دەرىجىسىنى مۇقىم ئۆستۈرۈش

  4. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان يېڭىچە مۇلازىمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت سۇبيېكتىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش ۋە كۆپەيتىش

  5. يېزىلارنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈش

  6. يېزىلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، شەھەر –يېزىلارنىڭ جامائەت بايلىقىنىڭ تەڭكەش تەقسىملىنىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش

  7. يېزا-كەنتلەرنى تۈزەش-تەرتىپكە سېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىقىي كۈچەيتىش

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە