باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋۇ باڭگو موڭغۇلىيە بۈيۈك خۇرالى رەئىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2013.01.31 17:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

  كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇرالىنىڭ رەئىسى ئېنخېبولىتنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن شۇ جاينىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۇلانباتورغا يېتىپ بېرىپ، موڭغۇلىيەدىكى رەسمىي دوستانە زىيارىتىنى باشلىدى، بۇ جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باشلىقىنىڭ 16 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇشى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ۋۇ باڭگو رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان پارلامېنتلىرى مۇنبىرىنىڭ 21-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋۇ باڭگو دۆلەت سارىيىدا موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇرالىنىڭ رەئىسى ئىنخېبولت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، ۋۇ باڭگو مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، دوستلۇق ھەمكارلىقى ئىزچىل تۈردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مىلودىيەسى بولدى، 2011-يىلى ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، بۇ جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى تەرەققىيات مەزگىلىگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تەيۋەن، شىنجاڭ، شىزاڭ مەسىلىلىرىدە جۇڭگونىڭ مەيدانىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، موڭغۇلىيە خەلقى مۇستەقىل تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ۋۇ باڭگو جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن قارايدىغانلىقى، موڭغۇلىيە بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ۋۇ باڭگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇرالى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلاملاردىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا خەلق رايى ئاساسى سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئېنخېبولىت كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگونىڭ موڭغۇلىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، بۇ ئىككى دۆلەت پارلامېنتلىرى ۋە دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا مۇھىم ،چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋىي دوستلۇقى چوڭقۇر، جۇڭگو بىلەن قوشنىدارچىلىق دوستلۇق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش موڭغۇلىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتىنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى، موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇرالى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو بىلەن رەئىس ئىنخبولىت«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن موڭغۇلىيە دۆلەت بۈيۈك خۇرالىنىڭ ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»نى بىرلىكتە ئىمزالىدى شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىقى ھەققىدىكى كېلىشىملەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە