- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بېيجىڭدا چاغاندىن بۇرۇنقى 700 مىڭ پارچە پويىز بېلىتى ئېلىۋېلىنمىدى
2013.02.05 16:37 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بېيجىڭ رايونىدا ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئالدىن زاكاز قىلىنغان چاغاندىن بۇرۇنقى پويىز بېلىتىدىن 703 مىڭى تېخىچە ئېلىۋېلىنمىغان.
چاغاندىن بۇرۇن تۆمۈر يول تىرانسپورت يۇقىرى دولقۇنى يېتىپ كەلگەنلىكتىن، تۆمۈر يول تارماقلىرى يولۇچىلارنى ئاپتوماتىك بېلەت سېتىۋېلىش ماشىنىسى ياكى ۋوگزال، ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ بېلىتىنى ئېلىۋېلىپ، پويىز ۋوگزالغا بېرىپ بېلەت ئالماشتۇرۇش ۋاقتىنىڭ مەركەزلىشىپ قېلىپ، جىددىيلىشىپ سەپىرىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشقا ئەسكەرتتى. ئۇندىن باشقا تۆمۈر يول تارماقلىرى بېلەت قايتۇرماقچى بولغان يولۇچىلارنىڭ بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى تېزدىن بېجىرىپ، باشقا يولۇچىلارنىڭ سەپەر قىلىشىغا بېلەت سېتىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە