لى كېچياڭ: ئەمدى مەن سىلەرگە ئىشلەمچىلىك قىلىمەن
2013.02.04 16:35 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورىنىڭ 3-فېۋرال باۋتوۋدىن بەرگەن خەۋىرى، مۇئاۋىن زۇڭلى لى كېچياڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتوۋ ۋوگزالىنىڭ پويىز كۈتۈش زالىدا يۇرتىغا قايتقان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى يوقلىغاندا مۇنداق دېدى، سىلەر تۇرمۇشىڭلارنى ياخشىلاش ئۈچۈن سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتىسىلەر، بۇ ئاسان ئەمەس، مەنمۇ دېھقان بولۇپ باققان، سىلەرنىڭ جاپايىڭلارنى بىلىمەن، مېنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئىشلىشىممۇ سىلەر ئۈچۈن. ئۇ ۋوگزال خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىغاندا، جاپا چەكتىڭلار، سىلەرنىڭ يولۇچىلارغا ئۆز ئۆيىدىكىدەك تۇيغۇ بېغىشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە