باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا سۇ ئامبىرىدا سۇ تېشىپ، مۇز قەۋىتى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى

ئېتىزلىقتا كەڭ كۆلەمدە مۇز توڭلاپ قالدى

2013.02.04 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەق مەيدان ناھايىتى قالايمىقان بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى سۇ بېسىپ كەتكەن ئېتىزلىقلاردا كەڭ كۆلەمدە مۇز توڭلاپ قالغان، ئېتىزلىقتىكى تېخى ئورۇلمىغان زىرائەتلەرنىڭ قالدۇقلىرىنى ئاپئاق قىراۋ قاپلاپ كەتكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مىدوڭ رايونى كازىۋەن كەنتى ليەنفېڭ سۇ ئامبىرىدا 2-يانۋار كۈنى سۇ سىرغىپ دامبا گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن. 100 نەچچە مىڭ كۇب مېتىر سۇ ئېقىپ چىقىپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە سۇ كىرىپ كەتكەن. مۇخبىر بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كازىۋەن يېزىسىغا كىرىدىغان تاش يولدا، مۇخبىر سۇنىڭ بىر پىكاپنى ۋەيران قىلىۋەتكەنلىكىنى، پىكاپ كابىنكىسىنىڭ سۇغا توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن. يېقىنلا جايدىكى ئائىلە جاھازلىرى قاچىلانغان ماشىنىمۇ سۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان، يېڭى كىرىسلو سۇدا ئېقىپ يېقىن ئەتراپتىكى ئېتىزلىققا بېرىپ قالغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە