- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ياپونىيە تۇتۇپ قالغان جۇڭگولۇق بېلىقچى پاراخوتى خادىملىرى قويۇپ بېرىلدى
2013.02.04 15:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن جۇڭگونىڭ فۇكۇئوكادىكى باش كونسۇلخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2-فېۋرال پايونىيەنىڭ ئوكىناۋا ناھىيىسى ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھىلىدە ياپونىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنغان جۇڭگونىڭ بېلىقچى كېمىسى باشلىقى ۋە 13 كېمە خادىمى تۈنۈگۈن كەچتە قويۇپ بېرىلگەن ھەمدە دۆلەتكە قايتقان.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ فۇكوئوكادىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ جىددىي ماسلىشىشى ئارقىسىدا چۇڭ ياڭفۇ F8139 بەلگىلىك بېلىقچى كېمىسى شۇ كۈنى ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەندىن كېيىن ياپونىيە كېمە ۋە خادىملارنى قويۇپ بېرىشكە قوشۇلغان. بۇ كېمە ئۈلۈشكۈن چۈشتىن بۇرۇن ئوكىناۋا ناھىيىسىنىڭ مىياكوجىما ئەتراپىدا ياپونىيەگە تەۋە ئىقتىسادى دېڭىز ساھىلىدە قانۇنغا خىلاپ مەشغۇلات قىلدى دەپ گۇمانلىنىپ، ياپونىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتىۋېلىنغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن جۇڭگونىڭ فۇكوكادىكى باش كونسۇلخانىسى مەسئۇل كونسۇلنى نەق مەيدانغا ئەۋەتىپ، نۇرغۇن ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە