- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭلىق بالىلار چىڭداۋدا ماختاشقا ئېرىشتى
2013.02.05 08:42 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
2011-يىلى ، چىڭداۋدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ ، نۇرغۇن داۋالاش خىراجىتىگە موھتاج بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ، مىكرو بىلوگ ، QQ قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق بۇ ئىش توغرىسىدا دوست-بۇرادەرلىرى ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ، يۇرتداشلىرى ئارىسىدا كۆپلەپ ئۇچۇر تارقىتىپ ، پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە 500 مىڭ يۈەن ئىئانە توپلىغان ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىش-ئىزلىرى كېسەل ئازابىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئوقۇتقۇچىسى ، ھەتتا پۈتۈن چىڭداۋ شەھەر ئاممىسىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن .
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن چىڭداۋ شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە ، تورداشلارنىڭ بىر ئايدىن كۆپرەك باھالىشى ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ بېكىتىشى نەتىجىسىدە ، چىڭداۋ لاۋشەن 2-ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ سىنپىنىڭ مەكتەپ پۈتكۈزۈپ بولغان ئوقۇغۇچىلىرى 2012-يىللىق ‹‹ چىڭداۋنى تەسىرلەندۈرگەن 10 مۇنەۋۋەر شەخىسلەر›› دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە